مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ «ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﺑﻪﻟﺒﯧﻐﻰ»ﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﺩﯨﺴﻰ ﻗﯩﺰﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ
  • ﻛﻪﻧﺖ ﻗﯩﺮﺍﺋﻪﺗﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺩﯦﮭﻘﺎﻥ–ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﺑﯧﻴﯩﺘﺘﻰ
  • ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ «ﺋﺎﺭﺯﯗ» ﺯﺍﯞﯗﺗﻰ ﺋﺎﮪﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯧﻴﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﯩﺪﻯ
  • ﺋﯧﺸﻪﻙ ﺋﯩﻤﭙﻮﺭﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺳﻮﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺑﻮﻟﺪﻯ
  • ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﺋﯩﺶ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﺎﺷﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻟﯩﺪﻯ
  • ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ ﺋﯚﺗﺴﻪﻙ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ
  • ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ 14 ﺧﯩﻞ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺶ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺟﺎﺯﺍﻟﯩﻨﯩﺪﯗ
  • ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺗﯘﻟﯘﻡ ﺗﺎﻏﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﺭﯨﺴﻰ ﺭﯗﻗﯩﻴﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻩﻳﮭﺎﻧﮕﯜﻝ ﭼﯧﻦ ﭼﯜﻩﻧﮕﻮﻧﻰ ﻳﻮﻗﻠﯩﺪﻯ
  • ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﭽﻰ ﺩﯨﻠﻨﺎﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ
  • ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ 10 ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ-ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ
  • ﺋﯩﺴﺘﯘﺩﯦﻨﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﭼﯩﻘﯩﻤﻰ 1212 ﻳﯜﻩﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ
  • ﺋﯚﺯﮔﯜﻝ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ 2017-ﻳﯩﻠﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ؟
  • ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻛﻮﺯﯨﭽﻰ ﻳﺎﺭﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ
  • ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ 3-ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﭼﻮﯓ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ
  • ﭘﯧﭽﻪﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﺳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﯚﻱ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺗﯚﻟﻪﻣﮕﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﻟﺪﻯ
  • ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﻪﺭ ﺋﯚﻣﻪﻛﻠﯩﺮﻯ «ﺋﯜﭺ ﺩﻭﻛﻼﺕ»ﻗﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ

    مەنبە :نۇر تورى       يوللىغۇچى : جاھانكەزدى       يوللانغان ۋاقىت :2017-01-12

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5–يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى «ئۈچ دوكلات»قا قاراپ چىقتى


    شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5–يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى 1–ئاينىڭ 11–كۈنى چۈشتىن كېيىن ئايرىم–ئايرىم ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىغا قاراپ چىقتى. ۋەكىللەر مۇنداق دەپ قارىدى: خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ‹‹ئىككى مەھكىمە››نىڭ خىزمەت دوكلاتى ئوبيېكتىپ، ئەمەلىيەتچىل ھەم يارقىن نۇقتىسى گەۋدىلىك دوكلات بوپتۇ، ئۇلاردا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرى تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇپتۇ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى زىچ چۆرىدىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق–مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش تەدبىرلىرىنىڭ ئىزچىللىشىشى ۋە ئەمەلىيلىشىشى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپتۇ، تەدبىرلەر ئۈنۈملۈك بولۇپ، ئەلرايىغا ئۇيغۇن كەپتۇ، بىز بىردەك ‹‹ئۈچ دوكلات››قا قوشۇلىمىز.

    ۋەكىل گۈلشات شىرئەلى مۇنداق دېدى: بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، نىزام چىقىرىش، نازارەتنى كۈچەيتىش، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەت ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشى ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى ناھايىتى ياخشى ئىشقا ئاشۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ چىقىرىلغان قائىدە–نىزاملارنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك قائىدە–نىزاملارنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى؛ دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى بىلەن ۋەكىللەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە تۈزۈمىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ دائىمىي كومىتېت خىزمىتىگە قاتنىشىشىنى يەنىمۇ كۆلەملەشتۈرۈشى ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى؛ ھۆكۈمەتنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرغان تۈرلۈك قارالمىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشقا قارىتا ئۈنۈمنى سۈرۈشتە قىلىشنى كۈچەيتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

    ۋەكىل گۈلزار ئابدۇراخمان مۇنداق دېدى: خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدەلگەن، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ قانۇن – تۈزۈملىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە مۇھىم بۆسۈش قىلغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، قىسمەن نۇقتىلىق ساھە، مۇھىم خىزمەتلەردە نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشىنى؛ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى، خەلق تۇرمۇشى خىزمىتى، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

    ۋەكىل ئېزىز مۇسا مۇنداق دېدى: ‹‹ئىككى مەھكىمە››نىڭ خىزمەت دوكلاتىدا مۇھىم نۇقتا گەۋدىلىك، يېزىق پاساھەتلىك، مەزمۇن ئەمەلىي بوپتۇ، ئوبيېكتىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا 2016–يىللىق خىزمەتلەر خۇلاسە قىلىنىپتۇ، بۇنىڭدىن ‹‹ئىككى مەھكىمە››نىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشنى كۈچەيتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە پائال رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنى تولۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقات سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنى قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداشنى بىلىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

     ۋەكىل ما جۈن مۇنداق دېدى: 2016–يىلى ‹‹ئىككى مەھكىمە›› ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، مۇقىملىققا، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە نۇرغۇن تۆھپە قوشتى. بۇ يىل پارتىيەنىڭ 19–قۇرۇلتىيى ئېچىلىدىغان يىل، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يىلى، شۇنىڭدەك 13–بەش يىللىق يىرىك پىلاننى چوڭقۇر يولغا قويۇش، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم يىلى، ‹‹ئىككى مەھكىمە››نىڭ داۋاملىق باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، تۈرلۈك تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا يېتىشنى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.


    مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2017-01/12/content_578837.htm?lang=uy




    ئەسلى مەنبەسى : http://www.nur.cn/news/2017/01/354612.shtml

    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز