ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ! ئۇزار تور بىكىتىمىزگە خۇش كەپسىز !

چۈشۈرۋېلىڭ يانفۇن نۇسخىسى
باشبەت ئىنتىل ئېلان ئورنى
19-قۇرۇلتاي تەشۋىقاتى
ئېلان 250  X  ئېلان ئورنى  350

مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

ئېلان 250  X  ئېلان ئورنى  350

«ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﺳﺎﻳﺎﮪﻪﺕ» ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻕ ﺋﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ

مەنبە : نۇر تورى يوللىغۇچى : ئۇيقۇت يوللانغان ۋاقتى : 2017-01-12

«بۈگۈنكى خەۋەرلەر تورى» خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

1986-يىل نۇسخىسىدىكى «غەربكە ساياھەت»نى كىلاسسىك ئەسەرلەر ئارىسىدىكى كۈرەشچى ئايروپىلان دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئىزچىل نەچچە ئەۋلاد كىشىلىرىنىڭ ياشلىقىغا ھەمراھ بولۇپلا قالماي، يەنە كېلىپ ليۇ شياۋلىڭتوڭ رول ئالغان سۈن ۋۇكۇڭنى تا ھازىرغىچە ھېچكىم ئېشىپ كېتەلمىدى. ئەينى يىلدىكى ئۇستاز-شاگىرت تۆتەيلەن غەربكە نوم ئېلىش سەپىرىدە جىن-ئالۋاستىلارنى يوقاتقاندىكى ھېكايسى نۇرغۇنلىغان ئارتىسلارنى داڭق قازاندۇرغان. بۇنىڭ ئارىسىدا ليۇ شياۋلىڭتوڭنىڭ نامى ئەڭ يۇقىرى. بىراق ليۇ شياۋلىڭتوڭنىڭ بۈگۈنكى نەتىجىگە ئېرىشتۈرگىنى پەقەتلا تاڭ سېڭ، جۇ باجيې ۋە شا سېڭلا بولۇپ، قالماي يەنە، ئۇستاز- شاگىرت تۆتەيلەنگە ھەمراھ بولغان ئاق ئاتمۇ بار. بىراق ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپسىغا ئەگىشىپ، ھايات-ماماتلىق جەڭ قىلغان بۇ ئات ئەڭ ئاخىرىدا ئېچىنشلىق ئۆلۈپ كەتكەن.

گەرچە ئاق ئات فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىغا نىسبەتەن پەقەت جابدۇقنىڭ ئورنىدىكى بۇيۇم بولسىمۇ، بىراق ئۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان. ئىگەللىنىشچە، ئاق ئات ئەسلىدە ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ «ھۆسنى»، ئېگىز «قامىتى» بىراقلا كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان. «غەربكە ساياھەت» تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتىگە ماسىلىشى ئۈچۈن، فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىدىكىلەر 800 يۈەنگە بۇ ئاتنى سېتىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭ ھەربىي تەۋەلىكى بىكار قىلىنىپ، «غەربكە ساياھەت»نىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلانغان. بىراق فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپسىىنىڭ بۇ ئاق ئاتنى ياقتۇرۇپ قىلىشى ئۇنىڭ «ھۆسنى» ۋە قامىتى بولۇپلا قالماي، ئەڭ مۇھىمى بۇ ئات ئىنتايىن «غەرەز» ئۇقىدىغان بولۇپ، ئارتىسلار بىلەن شۇنچىلىك ماسلىشالايدۇ.

ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئەينى ۋاقىتتا فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئوخشىمىغان جايلاردا كۆرۈنۈش ئالغان. كۆرۈنۈش مۇھىتىمۇ جاپالىق، گەرچە خىزمەتچى خادىملار ئۆزلىرى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرەلمىسىمۇ، بىراق ئاق ئاتنى جاپا تارتقۇزمىغان. «غەربكە ساياھەت» فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسغا كىرگەندە ئۇ ئارانلا تۆت ياش بولۇپ، بۇ يەردە ئۇدا 5 يىل تۇرغان. 

بەلكىم كۆپچىلىك سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا، ئاق ئاتنىڭ نۇرغۇن قېتىم خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. يەنە بىر قېتىم ئۇ ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغىلى قىل قالغان. رېژىسسور ياڭ جيې ئۆز بايانىدا ئاق ئاتنىڭ خەتەرگە يولۇققاندىكى ئەھۋاللىرىنى ئېيتقان. 

تۇنجى قېتىم سۇجۇدا سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا، ئاق ئات يۈك ماشىنىسىغا چىقىشتىن بۇرۇن، ئېھتىياتسىزلىقتىن ئازگالغا چۈشۈپ كېتىپ، پەقەتلا ئورنىدىن تۇرالمىغان. ئەينى ۋاقىتتا رېژىسسور ئاق ئاتتىن خېلىلا ئەنسىرگەن. ئويلىمىغان يەردىن، بۇ ئات ياڭ جيېغا قاراپ تۇيۇقىسز كۆز يېشى قىلغان. ئات گەپ قىلالمىغىنى بىلەن، بىراق بەدىنى تارتقان ئازابنى كۆز يېشى ئارقىلىق ياڭ جيېگە ئېيتىپ بەرگەنىدى. 

2-قېتىم جيۇجەيگۇدا تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئاخىرلىشىش ناخشسىدىكى ئۇستاز شاگىرت تۆتەيلەننىڭ يول يۈرگەندىكى كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا، ئويلىمىغان يەردىن ئاق ئات ئازگالغا تېيىلىپ چۈشۈپ كەتكەن. تەلىيىگە يارىشا، ئەتراپتا توپلىشىپ تۇرغان بىر قانچە زاڭزۇ كەسپىي ئات باققۇچىلارنىڭ ياردىمىدە بۇ ئاق ئات يەنە بىر قېتىم ئامان قالغان. 

3-قېتىم ئۇنىڭ ئەڭ خەتەرلىك بىر ۋاقتى. فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى گۇەنشيەن ناھىيەسىدىكى ئېرۋاڭ ئىبادەتخانسىدىكى سەكسەنپۇت ئالۋاستى بىلەن ئېلىشقاندىكى كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا، ئاق ئات يۈك-تاقلارنى دۈمبىسىگە ئارتىپ، پەشتاقتىن چۈشىۋاتقان چاغدا دەرەخكە ئۈسسىۋېلىپ، ئات بىلەن يۈك-تاقلار دەقىقە ئىچىدە سۇ چىقىرىۋېتىش ئېرىقىغا چۈشۈپ كەتكەن. شۇ چاغدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر دەرھال ئېرىققا سەكرەپ چۈشۈپ، ئاتنى قۇتقۇزۋالغان.

سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا مەخسۇس بىر كىشى ئاتنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان بولۇپ، بىراق، «غەربكە ساياھەت» سۈرەتكە ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋۇشى سۈرەتكە ئېلىش بازىسىغا ئەۋەتىلگەن. بۇ يەردىكى كىشىلەر ئاق ئاتقا ئەڭ ياخشى مۇھىتنى تەمىنلەپ بەردۇق دېگەن، بىراق ياڭ جيې بىلەن تاڭ سېڭنىڭ رولىنى ئالغان شۈ شاۋخۇا ئاق ئاتنى كۆرگىلى بارغاندا، خادىملارنىڭ يالغان ئېيتقانلىقىنى بىلگەن. ئاق ئات ھەم تار ھەم بەدبۇي ئۆڭكۈردە تۇرىدىغان بولۇپ، تۈكلىرى جانسىز، ئورۇقلاپ كەتكەن.

ياڭ جيې 2-يىلى بازىغا بېرىپ ئاق ئاتنى كۆرگىلى بارغاندا ئات ئوبدانلا ئورۇقلاپ، ئىلگىرىكى قامەتلىك تۇرقىمۇ قالمىغانلىقىنى كۆرگەن. 3-يىلى ئاق ئات بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك خوشلاشقان. 

ئاق ئاتنىڭ «غەربكە ساياھەت»كە قوشقان تۆھپىسىنى فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. بىراق بىر ھەربىي ئاتنىڭ ھېچقانداق پايدىلىنىش قىممىتى قالمىغاندا، ئەڭ ئاخىرىدا باشقىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا «دەپسەندە» بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە «غەربكە ساياھەت» تىكى باش پېرسوناژلار ئۇنى مەڭگۈ ياد ئەتىسىمۇ، بىراق ئاق ئات مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدۇ.




ئەسلى مەنبەسى : http://www.nur.cn/news/2017/01/354601.shtml

ئېلان 250  X  ئېلان ئورنى  350 سالون كودى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر