مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ «ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﺑﻪﻟﺒﯧﻐﻰ»ﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﺩﯨﺴﻰ ﻗﯩﺰﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ
  • ﻛﻪﻧﺖ ﻗﯩﺮﺍﺋﻪﺗﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺩﯦﮭﻘﺎﻥ–ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﺑﯧﻴﯩﺘﺘﻰ
  • ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ «ﺋﺎﺭﺯﯗ» ﺯﺍﯞﯗﺗﻰ ﺋﺎﮪﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯧﻴﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﯩﺪﻯ
  • ﺋﯧﺸﻪﻙ ﺋﯩﻤﭙﻮﺭﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺳﻮﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺑﻮﻟﺪﻯ
  • ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﺋﯩﺶ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﺎﺷﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻟﯩﺪﻯ
  • ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ ﺋﯚﺗﺴﻪﻙ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ
  • ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ 14 ﺧﯩﻞ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺶ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺟﺎﺯﺍﻟﯩﻨﯩﺪﯗ
  • ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺗﯘﻟﯘﻡ ﺗﺎﻏﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﺭﯨﺴﻰ ﺭﯗﻗﯩﻴﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻩﻳﮭﺎﻧﮕﯜﻝ ﭼﯧﻦ ﭼﯜﻩﻧﮕﻮﻧﻰ ﻳﻮﻗﻠﯩﺪﻯ
  • ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﭽﻰ ﺩﯨﻠﻨﺎﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ
  • ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ 10 ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ-ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ
  • ﺋﯩﺴﺘﯘﺩﯦﻨﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﭼﯩﻘﯩﻤﻰ 1212 ﻳﯜﻩﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ
  • ﺋﯚﺯﮔﯜﻝ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ 2017-ﻳﯩﻠﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ؟
  • ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻛﻮﺯﯨﭽﻰ ﻳﺎﺭﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ
  • ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ 3-ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﭼﻮﯓ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ
  • ﭘﯧﭽﻪﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﺳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﯚﻱ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺗﯚﻟﻪﻣﮕﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﻟﺪﻯ
  • «ﻳﻪﺳﻠﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ»ﻏﺎ ﻳﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ

    مەنبە :نۇر تورى       يوللىغۇچى : جاھانكەزدى       يوللانغان ۋاقىت :2017-01-12

    «يەسلى مائارىپى»غا ياراملىق ئوقۇتقۇچى كېرەك

     مۇيەسسەر ئاباھامىت


    شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 

    ئاپتونوم رايونىمىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ‹‹قوش تىل›› مائارىپىغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ‹‹قوش تىل›› يەسلىلىرىنى كۆپلەپ قۇردى، ئەسلىھەلەرنى تولۇقلاپ، شارائىتىنى ياخشىلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يېزىلىرىدىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنى يېقىن ئەتراپتا يەسلىگە كىرىپ، مۇنتىزىم يەسلى مائارىپىدىن بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇلتۇر كۈزدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يېزىلىرىدىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنى ‹‹قوش تىل›› بويىچە ئۈچ يىل ھەقسىز تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىنى تۈزدى، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9–قۇرۇلتىيىدا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇشنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇلتۇر 11–ئايدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىدارە–ئورگان ۋە جايلاردىكى ئالاقىدار تارماقلاردىن 3000 خادىم ئاجرىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە ئەۋەتىپ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى قىس بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى. بۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا–كەنتلىرىدىكى 100 مىڭدىن كۆپرەك بالا يېڭىدىن يەسلىدە مۇنتىزىم تەربىيەلىنىش شارائىتىغا ئىگە بولدى. ئەمما بۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا–كەنتلىرىدىكى يەسلىلەردە ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسى تۈپتىن ھەل بولغىنى يوق. 2017–يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يېڭىدىن 4387 يەسلى قۇرۇشنى پىلانلاپ، تېخىمۇ نۇرغۇن بالىنى يەسلىگە كىرىپ، ‹‹قوش تىل›› تەربىيەسى ئېلىش شارائىتىغا ئىگە قىلىشنى قارار قىلدى. سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5–يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە ‹‹يەسلى مائارىپى››نى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا قىزغىن مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، نۇرغۇن ياخشى تەكلىپ–پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    ئەزا، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى ۋەلى بارات مۇنداق تەكلىپ بەردى: يەسلى مائارىپىنى يۈكسەلدۈرۈشتە لاياقەتلىك، سىستېمىلىق تەربىيە كۆرگەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش ئىنتايىن زۆرۈر. شۇڭا ئالىي مەكتەپلەر، جۈملىدىن پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا يەسلى مائارىپى كەسپىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، يەسلىلەردىكى باشقۇرغۇچىلارنى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا قەرەللىك تەربىيەلەپ، ئۇلارنى يەسلى باشقۇرۇش ۋە يېڭىچە ئوقۇتۇش مېتودىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىش ئىنتايىن زۆرۈر.

    ئەزا، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيە تاشمىلىق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى داۋۇت ئەلى ئاۋۇت مۇنداق تەكلىپ بەردى: ناھىيەمىزدە 119 كەنتنىڭ 71ىدە يەسلى بار، ناھىيەمىزدىكى بەزى كەنتلەر تارقاق بولغاچقا، چەت، يىراق كەنتلەردە ئوقۇش يېشىغا توشمىغان نۇرغۇن بالا يەسلى مائارىپىدىن بەھرىمەن بولالمايۋاتىدۇ. شۇڭا يىراق يېزا–كەنتلەرمۇ بالدۇرراق پىلانغا كىرگۈزۈلۈپ، چەت يېزا – كەنتلەردىكى بالىلارمۇ كىچىكىدىنلا ‹‹قوش تىل›› ئاساسىنى پۇختىلاپ، خۇشال – خۇرام، ساغلام تەربىيەلىنىش مۇھىتىغا ئىگە قىلىنسا.

    ئەزا، چاقىلىق ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئابلىز ئابلا مۇنداق تەكلىپ بەردى: يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، ناھىيەمىزدىكى يېزا–بازارلاردا بىردىن–ئىككىگىچە، ناھىيە ئىچىدە ئۈچتىن–بەشكىچە يەسلى كۆپىيىپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار ‹‹قوش تىل››دا تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. لېكىن ناھىيەمىزدە يېزا–كەنتلەر تارقاق، نۇرغۇن بالا تېخى يەسلى مائارىپىدىن بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى. ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى مەخسۇس تەربىيەلەۋاتىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدا مائارىپقا ياردەم بېرىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تولۇقلاۋاتىدۇ. ناھىيەمىزمۇ چەت، يىراق ناھىيە، قاتنىشى قولايسىز، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تۆۋەنرەك. شۇڭا، ناھىيەمىزنىڭ يەسلى مائارىپىغىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنۈپ، يەسلىلەر كۆپەيتىلسە، تېخىمۇ كۆپ يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى تەربىيەلىنىپ، يەسلى ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى تېخىمۇ زورايتىلسا.


    مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-01/12/content_578846.htm?lang=uy




    ئەسلى مەنبەسى : http://www.nur.cn/news/2017/01/354621.shtml

    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز