تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ﺗﺎﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺭﺍﺯﯞﯦﺪﻛﺎ ﮪﯧﻜﺎﻳﯩﻠﯩﺮﻯ(139) ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﻮﺕ

تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى(139)

تەبىئىي ئوت

دېھقان رېيىن تېلېۋىزوردىن«تۆت پەسىلدە يېڭى كۆكتات يېمەكچى بولسىڭىز پارنىك ياساڭ» دېگەن خەۋەرنى كۆردى. كىچىكىدىلا ئۆز قول سېلىپ ئىشلەشكە ئامراق رېيىن ھويلىسىغا چوڭ بىر پارنىك ياسىدى.

ئۇ پارنىك ئىچىگە ئوت-چۆپلەرنى تاشلاپ ئوغۇت قىلماقچى بولدى.

بىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن قاتتىق يامغۇر ياغدى، چۈشتىن باشلاپ ھاۋا تونۇردەك قىزىپ كەتتى، ئۇنىڭ بىر مۇنچە جاپا تارتىپ ياسىغان پارنىكى كۆكتات ئۇرۇقلىرى ئۈنمەيلا تۇرۇپلا بىر دۆۋە كۆمۈرگە ئايلاندى.

رېيىن بىرسى ئوت قويۇۋەتتى دەپ ئويلىدى، لېكىن شەھەردىن چىققان ئوت ئۆچۈرۈش مۇتەخەسسىسلەر نەق مەيداننى كۆرۈپ بۇ ئىشنى قۇرۇق ئوتنىڭ تەبىئىي كۆيۈشىدىن كېلىپ چىققان دېدى.

رېيىننىڭ دادىسى ئۇنى ئەيىبلەپ، كۆڭۈل قويۇپ دېھقان بولمىغاچقا تەڭرى غەزەپلىنىپ كۆيدۈرۈۋەتتى دېدى.

رېيىن بۇلارنىڭ ھېچقايسىغا قايىل بولمىدى، يولدىن ئۆتكەن فىزىكا ئالىمى بۇ ھالنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن نېمە بولغانلىقىنى سورىدى.

ئالىم رېيىننىۇ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كۈلۈپ كېتىپ، بۇ قۇياش بىلەن سۇلياۋ بىرلىشىپ كېلىپ چىققان ئاقىۋەت دېدى. ئالىم بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى ئىككى قېتىم چۈشەندۈرگەندىن كېيىن رېيىن بۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئاندىن چۈشەندى.

بۇ زادى قانداق ئىش؟ 


رازۋېتكا ھېكايىلىرى(138)نىڭ جاۋابى:

چىراق ئۆچۈپ قالغان ئاشۇ قىسقىغىنە ۋاقىتتا گراف خانىم مارجاننى ئوغرىلاپ ئۆزى ئولتۇرغان گۈللۈك ئورۇندۇقنىڭ ئىچىگە تىقىۋالدى،ئورۇندۇقنىڭ ئوتتۇرىسى كاۋاك ئىدى، ھەممەيلەن ئۈستى باشلىرى، كىيىملىرىنى ئاختۇرغان بولسىمۇ نەپىس ئىشلەنگەن ئورۇندۇقنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويغان.





ئەسلى مەنبەسى : http://www.nur.cn/news/2017/01/353286.shtml

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز