تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﻗﯩﺰ-ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺕ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ؟

ئېسىمنى بىلسەم، ئانام: «قىز بالا چوڭ بولغاندا، بېشىغا ھەر قىسمەتلەر كېلىدۇ، كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن بەل قويۇۋەتمەسلىك، ھەر قانچە جاپالىق بولسىمۇ، چوقۇم يېڭىشى كېرەك، چۈنكى ئۇ كەلگۈسىدە لاياقەتلىك ئايال بولۇپلا قالماي، مۇنەۋۋەر ئانا بولۇشى كېرەك، ئائىلىدە ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللارنىڭ رولى چوڭراق بولىدۇ، چۈنكى بالىنىڭ قانداق تەربىيە ئېلىشى، قايسى خىل مىجەز-خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈشى پۈتۈنلەي ئانىغا باغلىق» دەيتتى.

يېقىندا ئۈندىداردا «قىزىم بولسا» دېگەن تېمىنى كۆپىنچە قىز-ئاياللار ياقتۇرۇپ تارقاتتى. ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلار ئانام قىلغان نەسىھەتلەرنىڭ دەل ئەكسىچە بولۇپ، ئۇنىڭدا: «قىزىم بولسا ھەرگىزمۇ چىدامچان بول، غەيرەتلىك بول، دېمەيمەن؛ قىزىم بولسا، ئانا بولغاندىن كېيىن، بالاڭنىڭ بارلىق دەرد-ئازابىنى ئۆز زىممەڭگە يۈكلىۋالما، ئۇ سېنىڭلا بالاڭ ئەمەس، دەيمەن؛ قىزىم بولسا، چارچىغاندا چارچىدىم، ئاچچىقىڭ كەلگەندە ئاچچىقىم كەلدى، دېگىن، ھەرگىزمۇ ئىچىڭگە يۇتما دەيمەن» دېگەندەك مەزمۇنلار يېزىلغانىدى.

ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل نەسىھەت مېنى ئويغا سېلىپ قويدى. ئىلگىرى ئايال قەھرىمانلىرىمىز توغرىسىدىكى رومانلارنى ئوقۇغان، ئۇلارنىڭ جاسارىتىدىن، غەيرىتىدىن ھاياجانلانغانىدىم. ئەسىلىدە ئاياللاردا ئۇلارغا ئوخشاش جاپا-مۇشەققەتكە باش ئەگمەيدىغان قەيسەر روھ بولۇشى كېرەك ئىكەن، دېگەنلەرنىمۇ ئويلىغانىدىم. ئەپسۇس، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئۈندىداردىكى يۇقىرىقى تېما مېنى ئويلىنىشقا مەجبۇرلىدى، كۆڭلۈمدە بۇ تېمىنى قوللىغاندەكمۇ بولدۇم.

ئەتراپىمغا نەزەر تاشلىدىم، ئالدى بىلەن كۆزۈم چۈشكىنى مودا كىيىنىۋالغان، قاچانلا قارىسىڭىز ئالدىراش يۈرىدىغان بىر تۈركۈم ئاياللار توپى بولدى. ئۇلارنىڭ دۇنياسىغا كىرىپ باقتىم. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىنمۇ ھارغىنلىق چىقىپ تۇراتتى. 

تۇرمۇش، خىزمەت، بالا، ئاتا-ئانا، قېيىنئاتا-قېيىنئاپا ئوتتۇرىسىدا توختىماي قاتراپ يۈرۈۋاتقان بۇ ئاياللار تاشقى قىياپىتىنى تۈزەش، ئۆزىنى پەردازلاش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئەتراپىدىكىلەرگە ئۆزلىرىنىڭ يەنىلا ناھايىتى بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشنى، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنى روھىي جەھەتتىن چۈشكۈنلەشتۈرمەسلىكىنى ئىستەيدىكەن، چۈنكى ئاياللار يەنىلا گۈزەللىككە ئىنتىلىدۇ، گۈزەللىك ئارقىلىق كۆڭلىگە تەسكىن تاپىدۇ ئەمەسمۇ.

يەنە شۇنداق بىر تۈركۈم ئاياللارنىڭ دۇنياسىغا كىرىپ باقتىم. بۇ ئاياللار پۈتۈنلەي ئۆي ئۈچۈن چۆرگىلەيدۇ، خىزمەت قىلىۋاتقان، ئەتىگەندە چىقىپ كېتىپ، كەچقۇرۇن ئىشتىن چۈشۈپ قايتىپ كېلىۋاتقان خىزمەتتىكى ئاياللارغا ھەۋەس قىلىدۇ، كۆڭلىدە: «مەنمۇ شۇلاردەك بولالىغان بولسام، كۈنبويى بالىلىرىم بىلەن ئېرىمنىڭ ئەتراپىدا چۆرگىلەپلا يۈرمەس بولغىيتتىم، ھېچبولمىسا بىردەملىك بولسىمۇ كاللام تىنچىيتتى» دېگەنلەرنى ئويلايدۇ.

ئۇلاردا گەرچە خىزمەت بېسىمى بولمسىىمۇ، يەنىلا تۇرمۇش بېسىمىدىن ھالسىرايدۇ، پۇل تېپىپ ئائىلىنى چۆرگىلىتىۋاتقان ئېرىنىڭ: «ئايال كىشى بولماق ئاسان ئىكەن، مەن خۇتۇن-بالىلىرىمنى دەپ پۇل تاپىمەن، تىرىشىمەن، لېكىن سەن خەجلەشنىلا بىلىسەن» دېگەندەك تەنە گەپلەرگە بەرداشلىق بېرىپ، يەنىلا شۇ ئۆينى تۇتۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ، ھەتتا ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن كەيپىياتنى تەڭشەش، ئائىلىنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ.

يەنە شۇنداق بىر تۈركۈم ئاياللار توپى بولۇپ، ئۇلار كۆپىنچە ئاياللارنىڭ نەزىرىدە بالدۇر ئويغانغان ئاياللار ھېسابلىنىدىكەن. باشقىلارنىڭ قارىشىدا، ئۇنداق ئاياللارنىڭ باغرى تاش كېلەرمىش. مەن ئۇ «باغرى تاش» ئاياللارنىڭ دۇنياسىغا كىرىپ باقتىم.

ئۇ خىلدىكى ئاياللار ئاساسەن ئۆزىنى خىزمەتكە بېغىشلاش ئارقىلىق ئائىلە، پەرزەنت، قېيىنئاتا-قېيىنئاپا بىلەن كېلىن ئوتتۇرسىىدىكى تۈگىمەس پەردىشەپ بېسىملىرىدىن بىراقلا ئۆزىنى چەتكە تارتىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەيلى ئېرىنىڭ مەيلى قېيىنئاتا-قېيىنئاپىسىنىڭ ئالدىدا بولسۇن، «باغرى تاش، ئەسكى» دېگەن نامغا قالىدىكەن. 

ئەمەلىيەتتە ئۇلارمۇ باشقا ئاياللارغا ئوخشاش بالسى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشقا، ئائىلسىنى قوغداش ئۈچۈن بارلىقىنى بېرىشكە تەييار تۇرۇقلۇق، نېمىشقا تۇرمۇشتىكى يۇقىرىقى مۇناۋسىۋەتلەردىن ئۆىنى ئەپقاچىدۇ؟

ئۇلار: «يۇقىرىقى مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر ئاياللارنى بالدۇرلا ئىچىدىن تۈگەشتۈرىدۇ، شۇڭا ئائىلىۋى مۇناسىۋەتكە يۈزەكى مۇئامىلە قىلغان ياخشى، ئۆزىڭىزنى قانچىكى بېغىشلىسىڭىز، سىزگە يۆلىنىۋالىدىغانلا كۆپىيىدۇ، ئۇلارنىڭ سىزدىن تەلەپ قىلىدىغىنىمۇ كۆپىيىدۇ، بارا-بارا سىزنى ئۆزىنىڭ قېلىپىدا ياشاشقا قىستايدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە، مەندەك ياشىغان ياخشى، باشقىلارغا ئۆزىڭىزنى قانچە بېغىشلىسىڭىز، ئۇلار سىزنىڭ نورمال ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى، سىزدىمۇ ئۇلاردا بار ھېسسىيات، ئاچچىق ۋە ئاغرىنىش سېزىملىرىنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ، سىزنىڭ خۇددى ئۇلار ياسىۋالغان قونچاقتەك، كۈنبويى كۈلۈپلا يۈرۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ» دەپ قارايدىكەن.

مەن ئاياللار دۇنياسىدا كېزىپ يۈرگەندە، تۇيۇقسىز بىر تۈركۈم قىزلار توپىغا ئۇچراپ قالدىم. بۇ قىزلار توي قىلىش يېشىىدىن ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ توي قىلمىغانلار بولۇپ، ئاساسەن ھەممە نەرسىسى تەل ئىدى. ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ئىش تۇتمىغانلىقىدىن ھەيران بولۇپ، دۇنياسىغا كىرىپ باقتىم.

ئۇلار: «بىر قىز توي قىلغاندىن كېيىن ئايال بولىدۇ، ئەنئەنىۋى قائىدە بويىچە ئۇ كۆپ ھاللاردا ئېرىگە بېقىنىدۇ، ئېرىگە تايىنىدۇ، لېكىن ھازىرقى زاماندىكى ئەرلەرنىڭ قانچىلىكى ئايالىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە مەيدىسىگە ئۇرۇپ ئۇنىڭ بېشىنى سىلىيالايدۇ؟ بىر قىسىم تويلاشماقچى بولغان يىگىتلەر نومۇس پەردىسىنى قايرىۋېتىپ، قىزلاردىن خىزمىتىڭىز بارمۇ، مۇقىم كىرىمىڭىز بارمۇ؟ دېگەنلەرنى سورايدۇ، بۇنداق يىگىتلەر ئۈچۈن ياشلىق باھارىمىزنى قۇربان قىلغاندىن كۆرە، ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرۈپ، ئۆزىمىزنى بېيىتىپ، ئۆزىمىز ئۈچۈن ياشىغىنىمىز تۈزۈك» دەپ قارايدىكەن.

ئاياللار نېمە ئۈچۈن مۇستەقىل ياشاش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ چىقىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن كۈندىن-كۈنگە جاسارەتلىك، غەيرەتلىك بولۇپ، ئۆزى ئۈچۈن ياشاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ؟ 

ئەجىبا بۇ ئۇلاردىكى مۇستەقىل ياشاش ئېڭىنىڭ ئويغىنىپ، چۇقان سالغىنىمۇ ياكى...

زامانىۋىيلاشقان بۇ جەمئىيەت ئاياللاردا شۇنداق بىر خىسلەتلىك تون پەيدا قىلدى، ئاياللار بۇ تونغا جاسارەت، دېگەن نام بېرىپ، ئۆزىنى ئامالنىڭ بارىچە قەيسەر كۆرسىتىش ئۈچۈن تىرىشماقتا. 

ئەمەلىيەتتە، ئۇلاردا يۆلىنىۋېلىشنى، كۆڭلى يېرىم بولغاندا ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ يىغلاشنى ئارزۇ قىلىدىغان قەلب بار، لېكىن ئۇلار نېمە ئۈچۈن ياش تۆكمەسلىكىنى، ئۆزىنى «پەرداز»لاشنى تاللايدۇ؟

رېئاللىق كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ يۆلىنىۋېلىشىنى قوبۇل قىلالمىدى بولغاي، ئۇلار ئۆزلىرىمۇ بىلىپ-بىلمەي جاسارەت ناملىق توننى كىيىپ، ئۆزىنى پەردازلاپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولدى.

مەن بۇ تېمىدا كۆپ ئويلىنىپ، ئاخىر زامانىمىزدىكى قىز-ئاياللارنىڭ ئۆزىنى قەيسەر قىلىپ پەردازلىشى پۈتۈنلەي ئەتراپىدىن بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تاپالمىغانلىقىدىن بولغان، دېگەن سۆزگە مۇجەسسەملىدىم.

مەنبە: «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»




ئەسلى مەنبەسى : http://www.nur.cn/news/2017/01/353388.shtml

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز