تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ﺗﺎﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺭﺍﺯﯞﯦﺪﻛﺎ ﮪﯧﻜﺎﻳﯩﻠﯩﺮﻯ (140) ﺋﺎﻕ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻝ

تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى (140)

ئاق كىيىملىك ئايال

ئاق رەڭلىك ئۇزۇن كۆڭلەك كىيگەن بىر ئايال بىلەن بىر قارا مايكا كىيگەن بىر ئادەم ئاشىقلار مېھمانخانىسىغا كېلىپ بىر ئۆينى ئاچتۇرۇپ كىرىپ كەتتى، ئۇ ئايال كىنو چولپىنى تىڭيۈەن جىڭ شياڭغا بەك ئوخشىغاچقا، كۈتكۈچى ئۇنى ئاشنىسى بىلەن كۆڭۈل ئاچقىلى كەلگەن چېغى، دەپ پەرەز قىلدى.

مېھمانخانىنىڭ ئاشۇنداق بىكارچى ئىشلارغا قىزىقىدىغان بىر كۈتكۈچى بۇلارنى مارىلىدى، ئۇلار ئەسەبىيلەشكەن ئىدى، ئۇلار ئۆيگە كىرىپلا قىپيالىڭاچ بولۇپ مۇنچىغا كىرىپ كەتتى، ئۇلار مۇنچىدىن ئۇزۇنغىچە چىقمىغاچقا ھېلىقى كۈتكۈچى زېرىكىپ كېتىپ قالدى.

40 مىنۇتلاردىن كېيىن ھېلىقى ئايال مېھمانخانىدىن ئۆزى يالغۇز چىقىپ كەتتى، كۈتكۈچى بۇنىڭدىن سەل غەلىتىلىك ھېس قىلىپ ھېلىقى ياتاققا كىرىپ قارىۋىدى، ھېلىقى ئەر ئۆلۈپتۇ. ئۇ قان كۆپۈك ئارىلاش ۋاننىدا ئوڭدىسىغا ياتاتتى، كۆكرەك قورساقلىرىنىڭ بىر مۇنچە يېرىگە پىچاق تىقىلغان، يەر پۈتۈنلەي قان بولۇپ كەتكەن، بۇ ھالغا ئادەم قاراشقا پېتىنالمايتتى، ئادەمنى بۇنداق ئۆلتۈرسە، قاتىلنىڭ پۈتۈن ئۈستبېشى قان بولۇپ كېتىدۇ.

لېكىن ھېلىقى ئايال كەلگەندىمۇ، كەتكەندىمۇ ئاشۇ ئاق كۆڭلەكنى كىيىپ، قولىدا ئاق سومكا كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستى بېشىدىن بىر تامچىمۇ قان دېغى يوق ئىدى، ئۇ ئايال قان بىلەن بويالغان كۆڭلىكىنى يوشۇرۇپ قويۇپ ئاندىن كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.

 ئۇنداقتا ئۇ ئايال قان يۇقى كۆڭلىكىنى قانداق يوشۇردى؟


رازۋېدكا ھېكايىلىرى (139) نىڭ جاۋابى:

پارنىك ئۈستى ئويمان بولغاچقا يامغۇر سۈيى توختاپ قالغان،بۇنىڭدىن دۇمباق ئەينەك ھالىتى شەكىللىنىدۇ.  قۇياش نۇرى ئۇ يەردە سۇنۇپ، يىغىلىش نۇقتىسى ھاسىل قىلىدۇ، ئۇنىڭ يىغىلىش نۇقتىسىدىكى ئىسسىقلىق پارنىك ئىچىدىكى ئاسان ئوت ئالىدىغان قۇرۇق ئوت-چۆپلەرنى كۆيدۈرىدۇ، پارنىكقا ئوت كېتىشنىڭ سەۋەبى شۇ.




ئەسلى مەنبەسى : http://www.nur.cn/news/2017/01/353529.shtml

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز