تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺕ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﭼﯘﺷﻪﻧﭽﻪ

ساخاۋەت توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە

ئاپتور: يالقۇن ئوسمان

تەرجىمان: ئايشەمگۈل ھىمىت

تەھرىر: ئىسكەندەر جېلىل


 ساخاۋەت  تۈرلىرىنى پىلانلاش، خاتىرلەش،  تەشۋىق قىلىپ تارقىتىش، ماقالە يېزىش، تور بىكەت، ئۈندىدار سۇپىسىنى ئاسراش، فوتو سۈرەتكە تارتىش قاتارلىقلارنىڭ  ھەممىسى ئەقلىي ئەمگەك ھېساپلىنىدۇ، يەنە كېلىپ ھەر قانداق بىر  ئەترەتنىڭ ساخاۋەت پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىشى ئۇچۇن راسخوت كىتىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئىقتىسادىي  جەھەتتە قوللاشقا مۇھتاج بولىدۇ. ساخاۋەتچىلەر، ساخاۋەت  ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق كىرىم مەنبەسى بولىدۇ. بەزى خىزمەتچى خادىملارنىڭ مائاشى يۇقىرى بولۇپ، يىللدا 100 مىڭ سوم ئەتراپىدا كىرىم قىلىشى مۇمكىن، ناۋادا كىرىم مەنبەسى بولمىسا ھەرگىزمۇ ساخاۋەت خىزمىتىنى ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ. كىرىم  بولمىسا ساخاۋەتچىلەر قانداق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ئۇلار بارلىقىنى باشقىلار ئۇچۇن ئاتىۋەتسە ئۆزى ئاچ -يالىڭاچ قالمامدۇ؟! 

شۇڭا ساخاۋەت خىزمىتىنى ھەرگىزمۇ قارغۇلارچە ئېلىپ بارماسلىق،  ئەمگەك كۈچىنى ئىسراپ قىلماسلىق كىرەك. نۇرغۇن ساخاۋەت ئەترەتلىرى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىغا رويخەتكە ئالدۇرغان ئۆلچەملىك ئەترەت، بىراق پىدائيڭلارنىڭ شەخسىي كىرىم مەنبەسى يوق بولسا، ئەترەت مەسئۇلى ئۇلارنى ئىش ھەققى بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ. ئىئانە توپلاشتىمۇ ئۇلارنىڭ كۇچىدىن پايدىلانغىلى بولمايدۇ، ئەگەر پىدائىيلارغىلا تايانغاندا ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئۇزۇنغا ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۇستىگە ۋاقىتلىق پىدائيلار ئىنتايىن كۆپ، ئۇلار خالىسا ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەيدۇ،  خالىمىسا بۇ پىدائىيلىق خىزمەتتىن ۋاز كىچىدۇ. بەزى ساخاۋەت ئەترەتلىرىنىڭ نەچچە يۈز ھەتتا نەچچە مىڭ پىدائيسى بار، ئەمىلىيەتتە  ئىنچىكە قاراپ باقساڭلار ھەقىقىي خىزمەت قىلىدىغانلار بىر ئىككى ياكى ئۇچ تۆت ئادەم، ئۇلار ئالدىراپ تېنەپ خىزمەت قىلىپ چارچاپ ھالىدىن كىتىۋاتقان………

 يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى زادى قانچىلىك؟ ئۇنى بىز ئۇقمايمىز، پائالىيەتكە قاتناشقان پىدائيلار نۇرغۇن، ئۇلار رەسىمگە چۇشۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۆز- ئۆزىدىن مەغرۇرلۇنۇپ، ئۆزىنى ئۆزى رەسىمگە تارتىدۇ، ئەگەر ئۈندىدار سۇپىسى، تور بېكەتلەردە ئۇلارنىڭ پائالىيىتى ياكى سۈرىتى يوق بولۇپ قالسا، سىزدىن يامانلاپ، بىر نەچچە كۈن ھەتتا بىر نەچچە يىل سىزدىن رەنجىپ يۇرىدۇ. مەن تارتقان  پىدائىيلارنىڭ رەسىمى ۋە ئۇلار قىلغان ساخاۋەت پائالىيەتلىرىنىڭ رەسىملىرى ئاز ئەمەس، ساخاۋەت پائالىيىتىدە تەشۋىق قىلىش مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بىراق بىزنىڭ پائالىيىتىمىز ھەم تارتىلغان سۆرەتلىرىمىز ھەقىقى بولۇشى، ھەقىقەتنى ئەمىلىيەتتىن ئىزدىگەن بۇلۇشى، ساختىلىق ھەم شەخسى مەنپەئەت ئارلاشماسلىقى كىرەك. ئەڭ ياخشىسى پاكىتنى كۆپتۈرمەسلىك كىرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن چاپىقىنى ئالىمەن دەپ، كۆزنى قارغۇ قىلىپ قويىدىغان، باشقىلارنىڭ كۇلكىسىگە قالىدىغان، يامان گەپ- سۆز، قۇرۇق تۆھمەتنىڭ خام ماتېرىيالى بولۇپ قالدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ . 

لېكىن يەنە نۇرغۇن پىدائىيلار يەنىلا ئۈن-تۇنسىز خىزمەت قىلىدۇ، بىراق ئۆزىنى كۆرسەتمەيدۇ، ئوموم ئۈچۈن قىلچىمۇ ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلىمەيدۇ، جاپا مۇشاققەتنى ۋە جاۋابكارلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشتىن قورقمايدۇ، داۋاملىق ئالغا مېڭىشقا ئىنتىلىدۇ،  10 يىلدىن بۇيان مۇشۇنداق مېڭىپ كىلىۋاتقان يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىدىن تەخمىنەن ئون نەچچىلا ئادەم قالدى. بۇلارنى سىلەرنىڭ تۇنۇشۇڭلار ناتايىن، بىراق مەن بۇلارنىڭ ھەممىسنى تونۇيمەن. ئۇلار نېمە سەۋەپتىن مۇشۇنداق خەلق ئۇچۇن ئۇن-تۇنسىز خىزمەت قىلىپ كەلدى؟ چۇنكى ئۇلاردا پىدائيلارغا خاس پەزىلەت ۋە ئېتىقادنىڭ كۇچى بار. 

ساخاۋەت  خىزمىتىگە قاتناشقانلارنى بۇنداق ئۇچ خىل تىپقا بۆلۇشكە بولىدۇ:

 1) پىدائيلىقنى قوشۇمچە كەسىپ قىلغانلار

2) ساخاۋەتنى خىزمەت ۋە كەسىپ قىلغانلار

3) ساخاۋەتكە ئەقىدە باغلىغانلار. 

سىلەر بۇ ئۇچ ترردىن ئۆزەڭلار تاللاپ بېكىتىڭلار، بىر قانچە يىلدىن كېيىن، ئەينەككە قاراپ ئۆزەڭلارنىڭ ئەكسىنى كۆرۇپ، قىلغان خىزمىتىڭلارنىڭ ئۇنۇمىنى مۆلچەرلەپ بېقىڭلار، مۇشۇ ۋاقىتتىلا ئۆزەڭلارنىڭ ساخاۋەتكە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىپ يىتىسىلەر .

بىر ئادەمنىڭ باشقىلارغا ياردەم قىلىشى ئاخىرقى ھېساپتا يەنىلا ئۆزىگە قايتىپ كىلىدۇ، چۇنكى خەلقىمىز ئارىسىدا ئېيتىلىپ كەلگەن مۇنداق ماقال تەمسىلەر بار «ئشلىگەننىڭ يۈزى يورۇق، ئشلىمىگەننىڭ يۈزى چورۇق»، «ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپۇر، ئادەم ئايلىنىپ نىشاننى تاپۇر» چۇنكى ئادەم قانچە ئشلىگەنسىرى شۇنىڭغا چۇشلۇق ھالاۋىتىنى كۆرىدۇ، بۇ بىر قانۇنىيەت!

كىشىلەر ئاساسەن خەقنىڭ كەمچىلىكىنى بەكىرەك كۆرىدۇ، « قاغا بالام ئاپئاق، كىرپە بالام يۇمشاق» دىگەندەك ئۆزىنىڭ قىلغىنى ئۆزىگە بىلىنمەيدۇ. ئۇنداق قىلماي، خەقنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆرەلەيدىغان كۆزىمىز بولسۇن، ئۆزىمىزنىڭ كەمچىلىكىنى تونۇپ يەتسەك، ئاندىن ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۇرۇشكە پۇرسەت يارىتالايمىز، مانا بۇ ئالغا ئىلگىرلەشنىڭ بىردىن بىر يولى!





ئەسلى مەنبەسى : http://www.nur.cn/news/2017/01/353838.shtml

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز