تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻛﯚﻳﯜﻧﯜﺵ ﻣﺎﮪﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻜﺘﯘﺭ

زىيادە كۆيۈنۈش ماھىيەتتە زىيانكەشلىكتۇر

ئابدۇرېھىم ئابلا


مۇنداق بىر ھېكايىنى ئاڭلىغانىدىم: بىر يىلى كۈزدە بىر توپ ئاق قۇ ئاق قۇ كۆلىدىكى بىر كىچىك ئارالغا كەپتۇ، ئۇلار شىمالدىن ئۇچۇپ كېلىپ، قىشنى جەنۇبتا ئۆتكۈزمەكچىكەن.

ئارالدا بېلىقچى ئەر–ئايال تۇرىدىكەن، ئۇلار جاھاننىڭ ئۇ چېتىدىن كەلگەن بۇ ‹‹مېھمان››لارنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بوپتۇ، توخۇ يېمى ۋە تۇتۇپ كەلگەن بېلىجانلار بىلەن ئاق قۇلارنى بېقىپتۇ. قىش پەسلىمۇ كەپتۇ، لېكىن ئاق قۇلار جەنۇبقا كەتمەپتۇ, كۆل يۈزىدە مۇز تۇتۇپتۇ، ئاق قۇلار ئوزۇق–تۈلۈك تۇتۇپ يېيەلمەپتۇ، بېلىقچى ئەر–ئايال كەپىسىنى ئېچىپ ئاق قۇلارنى ئىسسىندۇرۇپتۇ ھەمدە ئۇلارغا ئوزۇقلۇق بېرىپتۇ، بۇنى تاكى كېيىنكى يىلى باھار كېلىپ كۆلدىكى مۇز ئېرىگۈچە داۋاملاشتۇرۇپتۇ.

كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، يىللار ئۆتۈپتۇ، ھەر يىلى قىشتا بېلىقچى ئەر–ئايال ئاق قۇلارغا ئۆزىنىڭ مېھىر–مۇھەببىتىنى بېغىشلاپ كەپتۇ. ئاخىر بىر كۈنى ئۇلار ياشىنىپ قالغانلىقتىن كىچىك ئارالدىن كېتىپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئاق قۇلارمۇ يوقاپ كېتىپتۇ. ئۇلار جەنۇب تەرەپكە ئۇچۇپ كەتمەستىن، بەلكى كېيىنكى يىلى كۆل مۇز تۇتقاندا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قاپتۇ.

ھېكايىدە بېلىقچى ئەر–ئايال خۇددى ئۆزلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنى سۆيگەندەك ئاق قۇلارغا باشپاناھ بولغان، يېمەكلىك ۋە تۇرالغۇ جاي تەييارلاپ بەرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تالاي يىللار داۋامىدا ئۆزلىرىنىڭ مېھىر – مۇھەببىتىنى ئۈزلۈكسىز بېغىشلاپ كەلگەن، كىشىلەر بۇ ئەر–ئايالنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكىنى تەرىپلەپ، ئاق قۇلارنىڭ بەختىگە ھەۋەس قىلىشقان. ھالبۇكى ئاق قۇلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتى بىزگە يەنە شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، بېلىقچى ئەر – ئايالنىڭ چېكىدىن ئاشقان مۇھەببىتى ئاق قۇلارنى غەمسىز، خاتىرجەم تۇرمۇش مۇھىتىغا كۆندۈرۈپ قويغان. بۇنىڭ بىلەن ئاق قۇلار ھۇرۇنلۇقنى يېتىلدۈرۈپ، ياشاش ئىقتىدارىدىن ئايرىلىپ، مۇھىتقا ماسلىشالماي، ئاخىرىدا ئۆزگەرگەن مۇھىت تەرىپىدىن يۇتۇۋېتىلگەن!

رېئال تۇرمۇشتا قانچىلىغان ئاتا–ئانىلار بىر ئۆمۈر پەرزەتلىرىنى خاتىرجەم، راھەت ماكانغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ياشايدۇ–ھە! بالىلىرى كىچىك چاغدا ئالقىنىدا كۆتۈرۈپ، بوينىغا مىندۈرۈپ ئەتىۋارلايدۇ، بالىلىرى ئۈچۈن ئاسماندىكى ئاينى ئېلىپ بېرىشكىمۇ تەييار تۇرىدۇ، بالىلىرىنى ئۆينىڭ ئىشىغىمۇ سالمايدۇ، بالىلىرىنىڭ ئازراقمۇ جاپا تارتىشىنى خالىمايدۇ. بالىلار چوڭ بولغاندىن كېيىن ياخشى خىزمەت تېپىپ بېرىش، ئۇلارغا كۆپرەك مىراس قالدۇرۇشنىڭ غېمىنى قىلىدۇ، ئۆزلىرى بۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك جاپا تارتسىمۇ رازى بولىدۇ...

بۇ دەل ‹‹بېلىقچى ئەر–ئايال›› تىپىدىكى ئاتا–ئانىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ، شەخسىيەتسىز مۇھەببىتى! ئەمما، ئاق قۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاپ باقساق بىز يەنە بۇ خىل مۇھەببەتكە ئېھتىرام بىلدۈرەمدۇق؟ ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل راھەت، خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرۈشنى كۆزلىگەن مۇھەببەت دەل كىشىلىك ھاياتتىكى بىر توزاق، بۇ توزاققا چۈشكەن كىشىلەر تايىنىۋېلىش ۋە ھۇرۇنلۇقتىن باشقا ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئەگەر تۇرمۇشنىڭ دوقاللىرىغا دۇچ كەلسە، ئاقىۋىتى يۇقىرىقى ھېكايىدىكى ئاق قۇلاردىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ.

ئەلۋەتتە، ھەممە ئادەم مۇھەببەت، كۆيۈنۈشكە موھتاج، لېكىن بۇ خىل مۇھەببەت قارىغۇلارچە كۆيۈنۈشكە ئايلىنىپ قالسا، مۇھەببەت ئەمەس، بەلكى شېكەر يالىتىلغان زەمبىرەك ئوقى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.


مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2017-01/09/content_577935.htm?lang=uy




ئەسلى مەنبەسى : http://www.nur.cn/news/2017/01/354148.shtml

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز