تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﯔ

پۇل تاپشۇرۇش سۇپىسىغا بېرىپ پۇل تاپشۇراي دەپ تۇرۇشۇمغا دوستۇم تۆۋەن ئاۋازدا: «سەن بۇ كىيىمگە ھەقىقىي ئېھتىياجلىقمۇ ئەمەسمۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇنىڭ بۇ سوئالىغا دەماللىققا جاۋاب بېرەلمەي تۇرۇپ قالدىم، ئۆيدىكى كىيىم ئىشكابىم كىيىم-كېچەك بىلەن لىق تولغانىدى، بۇ كىيىمنى ئالساممۇ-ئالمىسىمۇ بولىۋېرەتتى، مەن بۇ كىيىمگە ئېھتىياجلىق بولغانلىقىم ئۈچۈن ئەمەس بەلكى بۇ كىيىمنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىم ئۈچۈن سېتىۋالماقچى بولۇۋاتاتتىم.

ئۈندىمەي تۇرغانلىقىنى كۆرگەن دوستۇم مېنى بىر چەتكە تارتىپ ئەكەتتى. سودا سارايدىكى رەت-رەت تىزىلغان ھەر خىل پاسوندىكى كىيىملەرگە ئېھتىياجلىق بولمىساممۇ، لېكىن سېتىۋالغۇم كېلىپلا تۇراتتى، بۇرۇنقى ۋاقتىم بولغان بولسا بىر قېتىمدىلا نەچچە قۇر كىيىم سېتىۋالغان بولاتتىم، بىراق بۈگۈن دوستۇمنىڭ سوئالى بىلەن بىر قۇرمۇ كىيىم سېتىۋالمىدىم.

ئۆيگە كېلىپ كىيىم ئىشكاپىنى بىر قۇر رەتلىگەندىن كېيىن شۇنى بايقىدىمكى، ئالدىنقى پەسىلدە سېتىۋالغان بىر نەچچە قۇر يېڭى كىيىمنى تېخى ئۇچۇمغا ئېلىپمۇ باقماپتىمەن، كىيىمنىڭ ماركىسىمۇ شۇ پېتى تۇرۇپتۇ، پەسىل ئالمىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇ كىيىملەرنى كېلەر يىلى ئاندىن كىيەلەيتتىم، شۇنىسى ئېنىقكى، كېلەر يىلى مەن يەنە سودا سارايغا بېرىپ نۇرغۇن كىيىم سېتىۋېلىشىم مۇمكىن ئىدى.

بىز تۇرمۇشىمىزدا ئېھتىياجلىق ياكى ئېھتىياجلىق بولمىغان نەرسىلەرنى ئېنىق ئايرىشىمىز كېرەكمۇ؟ ئەمەلىيەتتە، بىز ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەر ئىنتايىن ئاز، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بىزگە ئۈچ ۋاخ تاماق، ئۇخلايدىغان كارىۋات ۋە ئىللىق بىر ئائىلە بولسىلا كۇپايە قىلاتتى. بىراق بىز بۇلارغا قانائەت قىلماي ھەشەمەتلىك ئاشخانا، چوڭ ئۆي،راھەت ماشىنىدا ئولتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمىز.

ئادەملەرنىڭ ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىلىرى بەك كۆپ بولغاچقا تىنىم تاپماي ئىشلەيدۇ، تېخىمۇ كۆپ بايلىققا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما، ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىلىرىمىزگە ئېرىشكەندىن كېيىن ھەقىقىي خۇشاللىققا ئېرىشەلەمدۇق يوق؟ نۇرغۇنلىغان كىشىلەر نام-ئاتاق ۋە پايدا-مەنپەئەت قوغلىشىش يولىدا توختىماي كۈرەش قىلىپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن قاتتىق چارچايدۇ. بىزنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقىمىز ئەمەلىيەتتە ھەشىمەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈندۇر. بىراق، بۇ خىل تۇرمۇشقا ئېرىشكەندىن كېيىن ئادەم ھەقىقىي خۇشال بولامدۇ؟ ئۇلارمۇ خۇددى ماڭا ئوخشاش بىر ئىشكاپ كىيىمگە ئىگە بولۇپ تۇرۇپمۇ ھەقىقىي قانائەت ھاسىل قىلالمايدۇ.

شۇ كۈنى مەن ئۆزۈم ئېھتىياجلىق بولغان ۋە ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىلەر ئۈستىدە ئويلىنىپ شۇنى ھېس قىلدىمكى، مەن ئېھتىياجلىق نەرسىلەر بەك كۆپكەن، ئەمما بۇ نەرسىلەرگە ئاللىقاچان ئېرىشىپ بولغىنىمنى تېخىچە ھېس قىلالماپتىمەن.

شۇ ئىشتىن كېيىن مەن ياخشى كۆرگەنلىكى نەرسىلەرنى سېتىۋالىدىغان ئادىتىمنى ئۆزگەرتتىم، مەن يەنىلا تىرىشىپ ئىشلەۋاتقان بولساممۇ، بىراق كۆرگەنلا نەرسىنى سېتىۋالمايدىغان بولدۇم، چۈنكى مەن ئېھتىياجلىق نەرسىلىرىمنىڭ ناھايىتى ئاز، ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىلەرنىڭ ناھايىتى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن تۈگىمەس باش قېتىنچىلىقىغا دۇچار بولغانلىقىمنى تونۇپ يەتتىم. ياخشى كۆرگەن نەرسىلىرىمىزدىن ۋاز كەچسەكلا، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولىدىكەن.




ئەسلى مەنبەسى : http://www.nur.cn/news/2017/01/353526.shtml

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز